ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51 - نۆۋەتلىك يىغىنى باشلاندى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51 – نۆۋەتلىك يىغىنى ب د ت نىڭ شىۋىيېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ئىشخانىسىدا باشلاندى.

1878790
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 51 - نۆۋەتلىك يىغىنى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت نىڭ ئارگىنتىنادا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى باش ئەلچى فېدېرېكو ۋىللېگاس رىياسەتچىلىكىدىكى 51 – نۆۋەتلىك يىغىن 7 – ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.

30 غا يېقىن دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان يىغىندا، سۈرىيە، سىرىلانكا، ئېفىيوپىيە ۋە بىرمادىكى ئىنسانىي ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىسلەرگىمۇ قاراپ چىقىلىدىكەن.

ئۇكرائىنا تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى كېڭەشكە سۇنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر