ئىراقتا تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 11 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

ئىراقنىڭ ئەنبار ۋە دىيالا شەھەرلىرىدە تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە 11 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1878345
ئىراقتا تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 11 ئەزاسى ئۇجۇقتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق بىرلەشمە ھەرىكەت قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يازما باياناتىدا، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق قىسىملارنىڭ ئەنبار ۋە دىيالا شەھەرلىرىدە دائېشقا تەۋە ئىككى تېررورلۇق ئۇۋىسىنى ئېنىقلىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتىكى مەزكۇر ئىككى رايوندا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقى ۋە 2 تېررورلۇق كاتتىۋىشىنىمۇ قوشقاندا جەمئىي  11 نەپەر دائىېش تېررورچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

2014-يىلى 6-ئايدا، دائېش ئىراقنىڭ موسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەممىنى شۇنداقلا دىيالا ۋە كەركۈك ۋىلايەتلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئىشغال قىلغان بولۇپ، بۇ رايونلار بىر قانچە يىلدىن كېيىن تەشكىلاتتىن قايتۇرۇۋېلىنغان ئىدى.

تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېشن بولۇپمۇ كەركۈك، دىيالا، موسۇل، سالاھاددىن ۋە ئەنبار ۋىلايەتلىرىنىڭ يېزىلىرىدا پات پات  ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر