رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئىزيۇم ۋە بالاكلېي شەھەرلىرىدىن چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، كونتروللوقى ئاستىدىكى ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ رايونىغا قاراشلىق ئىزيۇم ۋە بالاكلېي شەھەرلىرىدىن چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1878426
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئىزيۇم ۋە بالاكلېي شەھەرلىرىدىن چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ھەرىكەتلىرىگە ئالاقىدار بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ «ھەربىي نىشانغا يېتىش» ئۈچۈن خاركوۋ رايونىغا قاراشلىق بالاكلېي ۋە ئىزيۇم شەھەرلىرىدىن چېكىنىشكە باشلىغانلىقى، بۇنىڭ ئاتالمىش ​​دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىغا يۆتكىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقى تەكىتلەندى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر