چارلېس ئەنگلىيە پادىشاھى ئېلان قىلىندى
ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى 2 – ئېلىزابېتنىڭ پاۋاتىدىن كېيىن، تەختنىڭ تۇنجى ۋارىسى بولغان ئېلىزابېتنىڭ ئوغلى چارلېس ئەنگلىيەنىڭ رەسمىي يېڭى پادىشاھى ئېلان قىلىندى.
1878303

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 12 دە ساينت جەمىس سارىيىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا 3 – چارلېسنىڭ ئوغلى گاللېر شاھزادىسى ۋىلياممۇ قاتناشتى.
بىرلا ۋاقىتتا، لوندون مۇنارىدىن 62 توپ ئېتىلىدۇ.
تەخمىنەن بىر سائەت داۋام قىلىدىغان مۇراسىمدىن كېيىن، 3 – چارلېسنىڭ ئەنگلىيە پادىشاھى بولغانلىقى ئېلانى ساراي بالكونىدىن جاكارلىنىدۇ.
بايراقلار ئۇدا 26 سائەت چىقىرىلىدۇ، كېيىن يەنە يېرىمغا چۈشۈرۈلىدۇ.
پادىشاھ 3 – چارلېس، باش ۋەزىر لىز تراس ۋە ئۇنىڭ كابىنېت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.