خىتايدىىكى  6.8 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 74 كە يەتتى

خىتاينىڭ غەربىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسىدە ئالدىنقى كۈنى يۈز بەرگەن 6.8 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 74 كە يەتتى.

1876820
خىتايدىىكى  6.8 بال يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 74 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە 74 كىشى قازا قىلىپ، 259 كىشى يارىلانغان  ۋە 26 كىشى ھازىرغىچە تېپىلمىغان.

خىتاي يەر تەۋرەش تورى مەركىزى ئالدىنقى كۈنى گەنزى تىبەت ئاپتونوم ناھىيەسىدە 6.8 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن سۇ، توك، قاتناش ۋە تېلېگراف ئۇل- ئەسلىھەلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ھەمدە ئاپەت رايونىدا يوللار تاقىلىپ، قوشۇمچە يەر تەۋرەشلەر، شىددەتلىك يامغۇر ۋە تاغ گۆمۈرۈلۈپ چۈشۈش خەۋپى كۆرۈلگەنلىكى سەۋەبىدىن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم خىزمەتلىرى قىيىنلاشقان ئىدى.

ھىمالايا تېغىنىڭ كەڭ تىزمىلىرىدىكى يەر تەۋرەش لىنىيەسىەگە جايلاشقان سىچۈەن ئۆلكىسى، خىتايدا چوڭ يەر تەۋرەشلەر ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى دەپ بىلىنىدۇ.

ئۆلكىدە 2008 - يىلى يۈز بەرگەن 8.2 بال يەر تەۋرەشتە 69 مىڭ كىشى قازا قىلغان ئىدى.

2013 - يىلى يائەن شەھىرىگە يېقىن جايدا يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتىمۇ 200 گە يېقىن كىشى ئۆلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر