پېسكوۋ: تۈركىيە مۇھىم بىر ھەمراھ

كىرېمىل سارىيى باياناتچىسى دمىترى پېسكوۋ تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن مۇھىم ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1876519
پېسكوۋ: تۈركىيە مۇھىم بىر ھەمراھ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پېسكوۋ، رۇسىيەدە چىقىدىغان«‹ Izvestiya› گېزىتى» بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

تۈركىيە بىلەن بولۇپمۇ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ئوخشاش كۆز قاراشقا ئىگە ئەمەسلىكلىرىنى، لېكىن، رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنى مۇھىم ھەمراھ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن پېسكوۋ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «شەك – شۈبھىسىزكى، تۈركىيە بىزگە نىسبەتەن دوست بىر دۆلەت. دەرۋەقە، تۈركىيە، خەلقئارا سىياسەت مەسىلىلىرىدە، سودا – ئىقتىسادىي ھەمكارلىق نۇقتىسىدا بىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر ھەمراھتۇر.»

ئۇ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولار ئېقىمىدىن ئورۇن ئالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە مۇستەقىل ھالدا ئىگىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى يولغا قويماقتا. رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ، سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشىدا مىسلىسىز پۇرسەتلەر بار.»

بۇ پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىش ئۈچۈن تېخىچە ناھايىتى كۆپ ساھەلەرنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلغان پېسكوۋ، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە پايدا يەتكۈزۈش پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ، تۈركىيەنىڭ ئاشلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدىن ئىنتايىن مىننەتدار ئىكەنلىكى ۋە  يۇقىرى بېرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر