ئۇكرائىنا پورتىدىن يەنە 3 پاراخوت  ئاشلىق يولغا چىقتى

ئاشلىق توشۇش پىلانى دائىرىسىدە، يەنە 3 پاراخوت ئۇكرائىنادىن يولغا چىقتى.

1875730
ئۇكرائىنا پورتىدىن يەنە 3 پاراخوت  ئاشلىق يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «ئاشلىق توشۇش پىلانى دائىرىسىدە، ئۇكرائىنا پورتىدا تەييارلىق خىزمەتلىرىنى تاماملىغان يەنە 3 پاراخوت بۈگۈن ئەتىگەن پورتتىن ئايرىلدى» دېيىلدى.

قارا دېڭىزدىن بىخەتەر يېمەكلىك تىرانسپورتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن 22 - ئىيۇل ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك ئىشخانىسىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ قاتنىشىشى بىلەن  ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا «ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغان ئىدى.

قارا دېڭىزدىن ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىخەتەر توشۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى 27 - ئىيۇلدا ئىستانبۇلدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ بىناسىدا پائالىيەت باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر