پاكىستاندا ئاپەتلەر سەۋەبىدىن ھەر خىل كېسەللىكلەر كۆپەيدى

پاكىستاندا 14-ئىيۇندىن بۇيان توختىماي يىغىۋاتقان يامغۇر سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1314 كە چىقتى.

1875811
پاكىستاندا ئاپەتلەر سەۋەبىدىن ھەر خىل كېسەللىكلەر كۆپەيدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تەبئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقى يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كەلكۈنلەردە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، 458 كىچىك بالا، 262 ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1314 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقى، 12 مىڭ 703 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، پاكىستاندا 750 مىڭ 405 تۇياق ئۆي ھايۋىنى كەلكۈنلەردە ئۆلگەن، 1 مىليون 682 مىڭ 726 ئۆي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، بۇلاردىن 557 مىڭ 891 ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان. 5 مىڭ 735 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يول، 246 كۆۋرۈك ۋە 173 كارخانا سۇ ئاستىدا قالغان. 33.4 مىليون كىشى ھۆل-يىغىننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، 631 مىڭ 824 كىشى ھەر قايسى جايلاردا قۇرۇلغان چېدىرلاردا ياشىماقتا ئىكەن.

پاكىستان سەھىيە دائىرىلىرى كۈلكۈننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يۈز مىڭلارچە كىشىنىڭ پاكىزە سۇ بىلەن تەمىنلەشتە كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ھەر خىل كېسەللىكلەرگە دۇچار بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سىند ئىشتاتىنىڭ سەھىيە مىنىستىرى دوختۇر ئازرا پېچۇخو: «كەلكۈن سەۋەبىدىن 134 مىڭدىن ئارتۇق كىشىدە ئىچى سۈرۈش، 44 مىڭ كىشىدە بەزگەك ۋە 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىدە تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكى دوكلات قىلىندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر