كانادادا 2 كىشى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ 10 كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە 15 كىشىنى يارىلاندۇردى

كانادانىڭ ساسكاتچېۋان ئىشتاتىدا، 2 كىشى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ 10 كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە 15 كىشىنى يارىلاندۇردى.

1875630
كانادادا 2 كىشى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ 10 كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە 15 كىشىنى يارىلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسى ساسكاتچېۋان بۆلۈمىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، (ئاكا-ئۇكا دەپ قارىلىۋاتقان) دامېن ساندېرسون (31 ياش) ۋە مىلېس ساندېرسون (30 ياش) نىڭ يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە جامېس سىمىس كرى مىللىي رايونى ۋە ۋېلدون شەھىرىدىن باشلىغانچە جەمئىي 13 جايدا كىشىلەرگە پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كانادا خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسى ساسكاتچېۋان بۆلۈمى باياناتچىسى روندا بلېكمور ئىشتات پايتەختى رېگىنادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، «دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ھۇجۇمدا 10 كىشى قازا قىلىپ، 15 كىشى يارىلانغان ۋە بالنېستقا ئېلىنغان. يارىلانغاندىن كېيىن، ئۆز ئىمكانىيەتلىرى بىلەن دوختۇرخانىغا بارغان كىشىلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتىمىز. بىز ھازىرمۇ مەزكۇر 2 جىنايەت گۇماندارىنى ئىزدەۋاتىمىز» دېدى.

كانادا خان جەمەتى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا گۇماندارلارنى تېپىش ئۈچۈن «خەتەرلىك كىشىلەر ئاگاھلاندۇرۇشى» ئېلان قىلىندى.


خەتكۈچ: #ھۇجۇم , #كانادا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر