ئاقساراي: ھىندىستاننىڭ رۇسىيەنىڭ «ۋوستوك – 2022» ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىشى ئەندىشىلىك ئەھۋال

ئاقساراي باياناتچىسى كارىنې يېن پىئېررې ھىندىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە «ۋوستوك – 2022 (شەرق) ناملىق ھەربىي مانېۋىرلارغا قاتنىشىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1874873
ئاقساراي: ھىندىستاننىڭ رۇسىيەنىڭ «ۋوستوك – 2022» ھەربىي مانېۋىرىغا قاتنىشىشى ئەندىشىلىك ئەھۋال

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يېن پىئېررې، كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، «ۋوستوك – 2022» ھەربىي مانېۋىرىغا دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «رۇسىيە ئۇكرائىناغا قارشى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارىتا ئەندىشىلىكتۇر. لېكىن ھەر دۆلەت ئۆزىنىڭ قارارىنى ئۆزى چىقىرالايدۇ.»

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن باشلانغان «ۋوستوك – 2022» ھەربىي مانېۋىرىغا، رۇسىيە، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق 14 دۆلەتتىن ھەربىيلەر ۋە ھەربىي كۆزەتكۈچىلەر قاتناشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر