ئافغانىستاندا جۈمە نامىزى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئافغانىستاننىڭ ھېرات ۋىلايىتىدە بىر جامەدە جۈمە نامىزى ئەسنادا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا دىنىي ئالىم مەۋلىۋى مۇجىبۇرراخمان ئەنسارى بىلەن بىرلىكتە 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 23 كىشى يارىلاندى.

1875199
ئافغانىستاندا جۈمە نامىزى ئەسناسىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېرات ۋىلايەتلىك بايانات ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «گۈزەرگاھ جامەسى» دە جۈمە نامىزى ئەسناسىدا مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا، پات - پات تالىباننى قىزغىن قوللاپ ئېلان قىلغان باياناتلىرى بىلەن كۈنتەرتىپكە كېلىدىغان «گۈزەرگاھ جامەسى» نىڭ ئىمامى ۋە تەبلىغچىسى دىنىي ئالىم مەۋلىۋى مۇجىبۇرراخمان ئەنسارى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا، ئەنسارىدىن سىرت يەنە، 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 23 كىشى يارىلانغان بولۇپ، ئۆلگەنلەر ۋە يارىلانغانلار سانىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا ئىكەن.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

تالىبان باياناتچىسى زەبىھۇللاھ مۇجاھىد، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەنسارىنىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلى قاتتىق ئەپسۇسلىنىدىغانلىقلىرىنى، جاۋابكارلارنىڭ تۇتۇلۇپ، جازالاندۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھېرداتتا ناھايىتى چوڭ بىر مەدرىسەنى باشقۇرىدىغان ۋە بۇ يەردە دەرسلەر بېرىدىغان ئەنسارى، تالىباندىن بۇرۇنقى دەۋردىمۇ پات - پات ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە قارىتا تەنقىدلىرى ۋە تالىباننى قىزغىن قوللاپ ئېلان قىلغان باياناتلىرى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر