رۇمېنىيە «بايراكتار» سېتىۋالماقچى

رۇمېنىيە تۈركىيەدىن 18 دانە «بايراكتار» ئۇچقۇسى سېتىۋېلىشنى پىلان قىلماقتا.

1874695
رۇمېنىيە «بايراكتار» سېتىۋالماقچى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:رۇمېنىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، رۇمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ پارلامېنتقا 18 دانە بايراكتار ئۇچقۇسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تەلەپ سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەخمىنەن 300 مىليون ياۋرودىن ئارتۇق سېتىۋېلىش بولىدىغانلىقى ئۈچۈن پارلامېنتنىڭ تەستىقى بولۇشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن خەۋەرلەردە، تەستىقلانغان ئەھۋالدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ باشلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

رۇمېنىيە تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە، بايراكتار ئۇچقۇلىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا تىللاردا «داستان» بولغانلىقىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەندى.

بۇ جەرياندا، رۇمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، 18 دانە بايراكتار ئۇچقۇسىنىڭ قىممىتىنىڭ تەخمىنەن 300 مىليون دوللار بولىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا، مەشىق ۋە تەربىيەلەش ئۈسكۈنىلىرىنىڭمۇ سېتىۋېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىلىنىشىچە، تۈركىيە ئۆزىگە تايىنىپ ياساۋاتقان «بايراكتار ت ب 2» ئۇچقۇسى 24 دۆلەتكە سېتىلماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر