گېرمانىيە مۇداپىئە مىنستىرى: ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى بېرىشنىڭ يۇقىرى چېكىگە يەتتۇق

گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كرىستىنې لامبرېخت، گېرمانىيە ئارمىيەسى ئىسكىلاتلىرىدىن ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى بېرىش ئىمكانىيىتىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1874640
گېرمانىيە مۇداپىئە مىنستىرى: ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى بېرىشنىڭ يۇقىرى چېكىگە يەتتۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىستىن لامبرېخت تۈنۈگۈن پايتەخت بېرلىنغا يېقىن مېسبېرگ بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن كابىنېت يىغىنىدا، ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى بېرىش مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەش يۇقىرى چېكىگە يەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىم كېرەك» دېدى.

ئۇ، كەلگۈسىدە دۆلەت مۇداپىئەسىگە زىيان يەتكۈزمەي تۇرۇپ، ئۇكرائىناغا قورال ياردىمى بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيەدىن مۇداپىئەلىنىشى ئۈچۈن گېرمانىيە ئارمىيەسى ئىسكىلاتلىرىدىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە قورال ياردىمى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن لامرېخت، ياردەم بېرىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، «گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ دۆلەت ۋە ناتو مۇداپىئەسىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە مەسىلىگە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بارلىقى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24-فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر