ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

ئاشلىق قاچىلانغان يەنە 3 پاراخوت ئۇكرائىنادىن يولغا چىقتى.

1873273
ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «ئاشلىق توشۇش خىزمەتلىرى پىلانلانغاندەك داۋاملاشماقتا. بۈگۈن ئەتىگەن ئاشلىق قاچىلانغان يەنە 3 پاراخوت ئۇكرائىنا پورتىدىن يولغا چىقتى» دېيىلدى.

قارا دېڭىزدا بىخەتەر يېمەكلىك تىرانسپورتى لىنىيەسى قۇرۇش ئۈچۈن 22 - ئىيۇلدا ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭمۇ قاتنىشىشى بىلەن يىغىن چاقىرىلغان ھەمدە ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيە بىلەن «ئىستانبۇل ئاشلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغان ئىدى.

قارا دېڭىزدىن ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى بىخەتەر توشۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى 27 - ئىيۇلدا ئىستانبۇلدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى قورۇسىدا رەسمىي ئىش باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر