ئامېرىكادا 3 نەپەر گوللاندىيەلىك ھەربىي كوماندىر قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئامېرىكانىڭ ئىندىئانا ئىشتاتىدا 3 نەپەر گوللاندىيەلىك ھەربىي كوماندىر تۇرۇشلۇق مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

1873261
ئامېرىكادا 3 نەپەر گوللاندىيەلىك ھەربىي كوماندىر قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «BBC» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇۋەقە ئىشتاتنىڭ كۆڭۈل ئېچىش مەركەزلىرى جايلاشقان رايوندا يۈز بەرگەن.

ساقچى دائىرىلىرى، مەشىق ئۈچۈن ئىشتاتتا تۇرىۋاتقان 3 نەپەر گوللاندىيەلىك ھەربىي كوماندىرنىڭ تۇرۇشلۇق مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئالاقىدار تارماقلار يارىلانغان كوماندىرلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

گوللاندىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، كوماندىرلاردىن بىرسىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقى، قالغان ئىككىسىنىڭ ئەس – ھوشى جايىدا ئىكەنلىكى ھەمبەھىرلەندى.

باياناتتا تەكشۈرۈشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر