پاكىستاندا پەسىللىك يامغۇر ۋە سەل سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1033 كىشىگە يەتتى

پاكىستاندا 14 – ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان پەسىللىك يامغۇر سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1033 كىشىگە يەتتى.

1873063
پاكىستاندا پەسىللىك يامغۇر ۋە سەل سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1033 كىشىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان دۆلەتلىك ئاپەتنى باشقۇرۇش ئورگىنى (NDMA) نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 119 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 71 كىشى يارىلانغان. دۆلەت مىقياسىدا 14 – ئىيۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان شىددەتلىك يامغۇردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1033 كە ئۆرلەپ، يارىدارلارنىڭ سانى 1527  كىشىگە يەتكەن.  

شىددەتلىىك يامغۇر سەۋەبىدىن 149 كۆۋرۈك ۋەيران بولۇپ، 3 مىڭ 451 كىلومېتىر تاشيول بۇزۇلغان. ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان 949 مىڭ 858 ئۆينىڭ 287 مىڭ 412 سى پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن. قۇرۇلغان ياردەم چېدىرلىرىغا 498 مىڭ 442 كىشى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ سانى 51 مىڭ 275 كىشىگە يەتكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ھالاك بولغان دېھقانچىلىق ھايۋانلىرىنىڭ سانىمۇ 719 مىڭ 558 كە يەتكەن.

«جېئو خەۋەر» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىنىڭ ئۇپپەر دىر رايونىغا جايلاشقان كۇمرات ۋادىسىدا داۋاملىشىۋاتقان يامغۇر ۋە كەلكۈن سەۋەبىدىن  30 ئوقۇغۇچى قاپسىلىپ قالغان.

ئۇلارنىڭ يۆل يەردە ئۇخلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، يېمەك - ئىچىمەكلىرىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى بايان قىلغان  ئوقۇغۇچىلار دائىرىلەردىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.

مەسئۇللار ھاۋارايى ياخشىلانغان ھامان قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر