ستولتېنبېرگ: بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى چۈشىنىشىمىز لازىم

ستولتېنبېرگ شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن قۇرغان ئۈچ تەرەپ مېخانىزمى ئۈستىدە توختالدى.

1872988
ستولتېنبېرگ: بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى چۈشىنىشىمىز لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك تۈركىيە بىلەن قۇرۇلغان ئۈچ تەرەپ مېخانىزمى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن فىنلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن دائىمىىي ئورتاق مېخانىزم يىغىنىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

ستولتېنبېرگ كانادا زىيارىتى جەريانىدا باش مىنىستىر جاستىن ترۇدو بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئۈچ تەرەپ يىغىنىغا بەرگەن باھاسى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋابەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىيۇن ئېيىدىكى مادرىد باشلىقلار يىغىنىدا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قارار ماقۇللىغانلىقىنى ھەمدە شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنى ئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ستولتېنبېرگ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەزالىقى ئۈچۈن تۇتۇشقا تېگىشلىك يول خەرىتىسى ھەققىدە تۈركىيە  بىلەن شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ئۈچ تەرەپ ئەھدىنامىسى تۈزگەنلىكىنى ئەسلىتىپ، يەنە مۇنداق دېدى:

«بۇ يەردىكى ئامىللارنىڭ بىرى تۈركىيەدۇر، شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيە بىر يەرگە جەم بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە تېخىمۇ يېقىندىن ھەمكارلىشىدىغان مېخانىزم بەرپا قىلىشى لازىم. بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى چۈشىنىشىمىز لازىم. تۈنۈگۈنكى يىغىننى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالدىم. شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ مادرىدتا كېلىشكەن تېمىلارنى داۋاملاشتۇرىشىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىمەن»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر