ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرى ئېستونىيەدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دۆلەتلىرىنىڭ ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرى 16 – سېنتەبىردىن 18 - سىنتەبىرگىچە ئېستونىيەنىڭ پايتەختى تاللىندا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ.

1872923
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرى ئېستونىيەدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ناتو ھەربىي كومىتېتى يىغىنلىرى دائىرىسىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىغان ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرى تەسكىلاتنىڭ ئىيۇندىكى مادرىد رەھبەرلەر يىغىنىدا ماقۇللانغان مۇداپىئە ۋە چېكىندۈرگۈچ كۈچ مەسىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي ئىشلار قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ئادمىرال روب باۋئېر رىياسەتچىلىك قىلىدىغان يىغىندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپىسى بىلەن كوسوۋودىكى قىسىملىرىنىڭ پائالىيەتلىرى  مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلغان شىۋىتسىيە ۋە فىنلاندىيەنىڭ ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقلىرىمۇ تۇنجى قېتىم مېھمان سۈپىتىدە يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي كومىتېتى يىغىنلىرى يىلدا ئىككى قېتىم بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدىكى باش ئىشتابىدا، بىر قېتىم ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن بىرىنىڭ ساھىبخانلىقىدا  ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر