ياپونىيەنىڭ ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى ئىستېپا بەردى

ياپونىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى شىنزۇ ئابىنىڭ سۈيىقەستكە ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيە ساقچى ئاگېنتلىقىنىڭ (Keisatsuço) مۇدىرى ناكامۇرا ئىتارۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1872375
ياپونىيەنىڭ ئىككى نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچى ئەمەلدارى ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە ساقچى ئاگېنتلىقىنىڭ مۇدىرى ناكامۇرا ئىتارۇ شىنزۇ ئابى سۈيىقەستىگە ئۆزىنىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەلۋەتتە يېڭى خىزمەتداشلىرىمىز بىلەن يولىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىشىمىزنىڭ خاراكتېرى» دېدى.

دۆلەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك كومىتېتىغا ئىستېپاسىنى سۇنغان ياپونىيە ساقچى ئاگېنتلىقىنىڭ مۇدىرى ناكامۇرا ئىتارۇنىڭ تەلىپى، باش مىنىستىر كىشىدا فۇمىيو تەرىپىدىن تەستىقلىنىشنى كۈتمەكتە.

بۇ جەرياندا، نارا ئىشتاتلىق ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئونىزۇكا توموۋاكىمۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە ساقچى ئاگېنتلىقىنىڭ سۈيىقەستكە مۇناسىۋەتلىك بىخەتەرلىك يوچۇقلىرىنى تەكشۈرگەن دوكلاتىدا، نەق مەيداندا قوماندانلىق قىلىش زەنجىرى ۋە ئۇچۇرنى تەڭ ئورتاقلىشىشتا يېتەرسىزلىكلەرنىڭ بارلىقى، ساقچىلارنىڭ قاتىلنىڭ شىنزۇغا ئابىغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلەلمىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

سابىق باش مىنىستىر شىنزۇ ئابى 8-ئىيۇل (2022) پارتىيەسىنىڭ نارا شەھىرىدىكى ئوچۇق ھاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيىتىدە سۆز قىلىۋاتقاندا، ئارقا تەرەپتىن ئېتىلغان ئوقتا جېنىدىن ئايرىلغا ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، شىنزۇ ئابىنىڭ يېنىدا توكيو ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر نەپەر ساقچى خادىمى، يەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىر قانچا ساقچى خادىمى بار ئىدى.

ساقچى خادىملىرى شىنزۇ ئابىغا قارىتىپ ئوق چىقىرىلىشتىن ئىلگىرى قاتىلنى توسۇۋالالمىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر