قاتار پاكىستانغا 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغان بولدى

قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامىد ئەل سانى پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرىلەشتى.

1872281
قاتار پاكىستانغا 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئەمىرلىكى مەھكىمىسىنىڭ يازما باياناتىغا ئاساسلانغاندا، قاتار ئەمىرى ئەل سانى پاكىستان باش مىنىستىرى شەرىف بىلەن پايتەخت دوھادىكى ئىشخانىسىدا كۆرۈشكەن.

ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە بۇ مۇناسىۋەتلەرنى مۇداپىئە، ئىقتىساد، سېلىنما، سودا، ئېنېرگىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ يوللىرىدىن باشقا يەنە، تېرورلۇققا قارشى كۈرەش قاتارلىق رايون ۋە خەلقئارالىق ۋەزىيەت مۇزاكىرە قىلىندى.

قاتار ئەمىرى ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى قېرىنداشلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، قاتارنىڭ مەبلەغ سېلىش ئورگىنى ئارقىلىق سودىنى ۋە سېلىنمىلارنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاشۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ دائىرىدە، قاتار مەبلەغ سېلىش ئورگىنى پاكىستاننىڭ ھەر قايسى سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ساھەلىرىگە 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شەرىفمۇ دۆلىتىنىڭ ئورتاق نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە ۋە تېخىمۇ كەڭ  دائىرىگە شۇنداقلا ۋە ھەرقايسى ساھەلەرگىچە كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قاتار باش مىنىستىرى شەيخ خالىد بىن خەلىفە بىن ئابدۇلئەزىز ئەلسانىمۇ مەنسەپدىشى شەرىف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئورتاق ھەمكارلىقنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە كۈچەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن باشقا يەنە، ئۆز-ئارا مۇھىم ئەزمىيەتكە ئىگە ئورتاق مەنپەئەتلەرنى  مۇزاكىرىلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر