مېكسىكادا قارا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 8 شايكا ئەزاسى قازا قىلدى

مېكسىكانىڭ مىچوكان ئىشتاتىدا، تەشكىللىك جىنايەت گۇرۇھلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 8 شايكا ئەزاسى قازا قىلدى.

1872091
مېكسىكادا قارا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 8 شايكا ئەزاسى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، مىچوكان ئىشتاتىغا قاراشلىق تۇزانتلا ناھىيەسى مەيدانىدا قارا گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

بىر نەچچە سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتا، 8 شايكا ئەزاسى قازا قىلغان ۋە رايونغا نۇرغۇن ساندا بىخەتەرلىك خادىملىرى يوللانغان.

قوراللىق توقۇنۇشتا نەچچە ئون ئۆي ۋە ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىغان.

ئىشتاتلىق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ توقۇنۇش «ئەلپەز ئاكا-ئۇكىلار» ۋە «لا فامىلا مىچوكانا» ناملىق گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن.

زوراۋانلىق ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىشتاتلارنىڭ بىرسى بولغان مىچوكان، زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىرىنىڭ كۈچ سىنىشىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر