رۇسىيە ئۇكرائىنادا ھەر كۈنى بەشتىن ئارتۇق كىچىك بالىنى ئۆلتۈرمەكتە ياكى يارىلاندۇرماقتا

رۇسىيەنىڭ 24 - فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان ئۇرۇشىدا تەخمىنەن 1000 غا يىقىن كىچىك بالىنىڭ قازا قىلغانلىقى ياكى يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1871456
رۇسىيە ئۇكرائىنادا ھەر كۈنى بەشتىن ئارتۇق كىچىك بالىنى ئۆلتۈرمەكتە ياكى يارىلاندۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى (UNICEF) سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ، «بۇنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 5 تىن ئارتۇق كىچىك بالا ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ ياكى يارىلاندۇرۇلىۋاتىدۇ» دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى كاتېرىن رۇسسېل، «بۇلار پەقەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىلا دەلىللىيەلىگەن سانلىق مەلۇمات. بىز ھەقىقىي ساننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. كىچىك بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى پارتلاتقۇچ قورال سەۋەبىدىن قازا قىلغان» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇرۇشتا ئۇكرائىنادا ھەر 10 مەكتەپتىن بىرى ۋەيران بولغان ياكى زىيانغا ئۇچرىغان.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر