يەمەندە چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 13 كىشى قازا قىلىپ، 21 كىشى يارىلاندى

يەمەننىڭ شىمالىدىكى ھاججە ۋە ئامران شەھەرلىرىدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 13 كىشى قازا قىلىپ، 21 كىشى يارىلاندى.

1870658
يەمەندە چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 13 كىشى قازا قىلىپ، 21 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەننىڭ «SABA» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھاججە شەھىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىدا چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 7 كىشى قازا قىلغان ۋە 8 كىشى يارىلانغان.

يەمەننىڭ «سېنتەبىر تورى» ناملىق تور بېتىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئامران شەھىرىدىمۇ دەپنە مۇراسىمى جەريانىدا چاقماق سوقۇش سەۋەبىدىن 6 ئايال قازا قىلغان ۋە 13 كىشى يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر