ئۇكرائىنادىن 4 پاراخوت ئاشلىق يولغا چىقتى
ئاشلىق توشۇش پىلانى دائىرىسىدە، يەنە 4 پاراخوت ئۇكرائىنادىن يولغا چىقتى
1870384
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاشلىق توشۇش پىلانى دائىرىسىدە، يەنە 4 پاراخوتنىڭ ئۇكرائىنادىن يولغا چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، پاراخوتلاردىن ئىككىسىنىڭ چېرنومورسك پورتىدىن، قالغانلىرىنىڭ ئودېسسا ۋە يۇزنى پورتىدىن يولغا چىققانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، ئۇكرائىنادىن كەلگەن 1 پاراخوت بىلەن ئۇكرائىناغا بارىدىغان 5 پاراخوتنىڭ تەكشۈرۈلۈشى تاماملانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.