ئامېرىكا-پاكىستان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى

ئامېرىكا ۋە پاكىستان گېنېراللىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

1869893
ئامېرىكا-پاكىستان ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى ئامېرىكا ۋە پاكىستان گېنېراللىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى كامار جاۋىد باجيا، ئامېرىكا ئارمىيە مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى مىشېل ئېرىك كۇرىللا (Michael Erik Kurilla) راۋالپىندى شەھىرىدە كۆرۈشكەن.

كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت، رايون بىخەتەرلىكى، مۇقىملىق ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئارمىيەنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان كۆرۈشۈشتە يەنە، پاكىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي تەلىم-تەربىيە پىروگراممىسى مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر