پىيوڭياڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ تەكلىپلىرىنى رەت قىلدى

پىيوڭياڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ «يادرو قورالسىزلىنىش بەدىلىگە» شىمالىي كورېيەنىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاشقا ياردەم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك تىرىشچانلىقلىرىنى رەت قىلدى.

1870010
پىيوڭياڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ تەكلىپلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:يونخاپ ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي كورېيە مەركىزىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ سىڭلىسى كىم يوجوڭ جەنۇبىي كورېيەنىڭ يادروسىزلىنىش بەدىلىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش تەكلىپى توغرىسىدا توختالغان.

كورېيە يېرىم ئارىلى مۇناسىۋەتلىرىگە مەسئۇل كىم يوجوڭ جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئول ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر پىلانىنى «قۇرۇق گەپلەرنىڭ يۇقىرى پەللىسى» دېگەن.

ئۇ ئىلگىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان پىلانلارنىڭ بولغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، جەنۇبنىڭ «جۈرئەتلىك تىرىشچانلىقى» نى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئول شىمالىي كورېيە يادروسىزلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك قەدەم تاشلىغان ئەھۋالدا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى تەكلىپ قىلغان ئىدى.

يۇن سۇكيېئولنىڭ دىپلوماتىك چاقىرقى ۋە باياناتلىرى شىمالىي كورېيەنىڭ غەربىي دېڭىزغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر