رۇسىيەنىڭ 44 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان

ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تالاپەتلىرى توغرىسىدا يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

1869649
رۇسىيەنىڭ 44 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 24-فېۋرالدىن 18-ئاۋغۇستقىچە (2022) بولغان ئارىلىقتا تارتقان تالاپەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، يېقىنقى بىر كۈندە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ 200 ئەسكەر، بىر ئايروپىلان، بىر تىك ئۇچارى، ئۈچ تانكا، بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 17 زەمبىرەك، ئالتە ھەربىي ئاپتوموبىل ۋە 17 بىرونىۋىكتىن ئايرىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلىرىنىڭ دونېتسك رايونىدا ئەڭ كۆپ ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، 24-فېۋرال ئۇرۇش باشلانغاندىن تارتىپ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ جەمئىي 234 ئايروپىلانى، 197 تىك ئۇچارى، 1 مىڭ 889 تانكاسى، 4 مىڭ 179 بىرونىۋىكى، 1010 زەمبىرەكى، 15 پاراخوتى، 793 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 3 مىڭ 61 ھەربىي ئاپتوموبىلى، 265 راكېتا ئاتارى، 136 ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى پاچاقلاپ تاشلانغان. جەمئىي 44 مىڭ 300 ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر