مېكسىكادا يەنە بىر ژۇرنالىست ئۆلتۈرۈلدى

مېكسىكادا يەنە بىر ژۇرنالىست جىنايەتچىلەرنىڭ قۇربانى بولدى.

1869520
مېكسىكادا يەنە بىر ژۇرنالىست ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، سونورا ئۆلكىسىگە قاراشلىق سان لۇيىس رىئو كولورادو شەھىرىدە «نېمىدىن قورقىسىز» ناملىق تور بېتىنىڭ خوجايىنى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

سونورا تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىستنىڭ 62 ياشلىق خۇان ئارجون لوپېز ئىكەنلىكى ۋە بەدىنىنىڭ قاتتىق زەربىلەرگە دۇچار بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇ قېتىمقىنى قوشقاندا، يىل بېشىدىن بۇيان مېكسىكادا ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىستلارنىڭ سانى 13 كە يەتتى.

چېگراسىز مۇخبىرلار جەمئىيىتى (RSF) نىڭ بىلدۈرىشىچە، 2000-يىلدىن بۇيان مېكسىكادا ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىستلارنىڭ سانى 150 دىن ئاشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر