خىتاينى سەل بېسىپ، 16 كىشى ئۆلدى ۋە 36 كىشى يوقاپ كەتتى

خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە قاتتىق يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 16 كىشى ئۆلۈپ،  36 كىشى يوقاپ كەتتى.

1869374
خىتاينى سەل بېسىپ، 16 كىشى ئۆلدى ۋە 36 كىشى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىڭخەي ئۆلكىسى ئاپەتنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئەتىگەن سائەتلەردە ئۆلكە مەركىزى شىنىڭ شەھىرىگە قاراشلىق داتوڭ خۇي ۋە تۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن.

تاغلىق رايوندىكى ئاپتونوم ناھىيەدە كەلكۈن سەۋەبىدىن ئىككىنچى دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئېلان قىلىنغان. ھازىرغىچە 16 كىشى قازا قىلىپ، 36 كىشى يوقاپ كەتكەن.

چىڭخەي ئوت ئۆچۈرۈش ۋە قۇتقۇزۇش تارماقلىرى رايونغا تەخمىنەن 600 كىشىلىك ئەترەتنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئەۋەتكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبى رايونلىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن ئىسسىق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن يېقىنقى 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا رۇيخەتكە ئېلىندى.

ھىمالايا تېغىنىڭ بىر قىسمىغا جايلاشقان تىبەت چىڭخەي ئېگىزلىكىدە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشى كىلىمات شارائىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە بۇزۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر