يون سۇك يېئول: شىمالىي كورېيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش پىلانىمىز يوق

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول شىمالىي كورېيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش پىلانى يوقلىقىنى ئېيتتى.

1869130
يون سۇك يېئول: شىمالىي كورېيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش پىلانىمىز يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يون سۇك يېئول شىمالىي كورېيەدە مەجبۇرىي ھاكىمىيەت ئۆزگەرتىش مەقسىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سىجىل تىنچلىقنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىيە چاقىرىقىدا بولدى.

يون سۇك يېئول شىمال تەرەپكە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تەكلىپىگە ئىزاھات بېرىپ، «بىز ئۇلارنى دەسلەپتە <بارلىق يادرو پائالىيەتلەرنى توختىتىڭ> دېمىدۇق. بىزنىڭ دېمەكچى بولغىنىمىز، پۈتۈنلەي يادروسىزلىشىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنىڭ تاشلىنىشى بەدىلىگە بىر قىسىم ياردەملەردە بولۇشتۇر» دېدى.

يون سۇك يېئول يادرو قوراللىرىغا قارشى كۆز قارىشىنى تەكرارلاپ، «يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش شەرتنامىسى (NPT) ئىنتايىن مۇھىم ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارايمەن» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بەزى بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، شىمالىي كورېيە قىلىش ئېھتىمالى بولغان ھۇجۇملارغا جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە جاۋاب قايتۇرالمايدىغانلىقى ۋە ئامېرىكانىڭمۇ ئىتتىپاقدىشىنى قوغداشتا ئىككىلىنىپ قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولماقتا.

مۇتەخەسسىسلەر بۇ ۋەجىدىن جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ 90-يىللاردا ئېلىۋېتىلگەن ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ياكى جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئۆزىگە خاس چېكىندۈرگۈچ كۈچ يارىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

يون سۇك يېئول شىمالىي كورېيەنىڭ يادروسىزلىشىشقا  قاراپ قەدەم تاشلىشى بەدىلىگە ئىقتىسادىي ياردەم قىلىش تەكلىپىدە بولغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر