ئامېرىكا قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە يەرشارى زەربە بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى (AFGSC)« Minuteman III» ناملىق قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1869065
ئامېرىكا قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە يەرشارى زەربە بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «مەزكۇر سىناق، ئامېرىكانىڭ يادرو كۈچىنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك، 21-ئەسىردىكى تەھدىتلەرنى توسۇش ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنى خاتىرجەم قىلىشتا ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى مەقسەت قىلغان دائىملىق ۋە قەرەللىك پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى. بۇ خىل سىناقلار ئىلگىرى 300 قېتىمدىن ئارتۇق قىلىنغان، بۇ سىناق نۆۋەتتىكى يەر شارى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس» دېيىلدى.

كالىفورنىيەدىكى ۋاندېنبېرگ (Vandenberg) ئالەم ئارمىيە بازىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن، قورالسىز باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، 6760 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ، مارشال تاقىم ئاراللىرىدىكى كۋاجالىن (Kwajalein) مارجان تاقىم ئارىلىدىكى نىشانغا دەل تەگدى.

«Minuteman III» ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قورال-ياراغ ئامبىرىنىڭ ئاچقۇچى دەپ قارىلىدۇ. باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ مۇساپىسى 9660 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، سائەتلىك تېزلىكى تەخمىنەن 24 مىڭ كىلومېتىر.

گېنېرال ئارماند ۋوڭ (ArmandWong) باياناتىدا: «بىزنىڭ سىناقلىرىمىز ئالدىن پىلانلانغان بولۇپ، دۇنيادىكى تەرەققىياتلارغا قارىتىلغان ئىنكاس ئەمەس. ھەر قېتىملىق قويۇپ بېرىشنىڭ ئىنچىكە پىلانلاش جەريانى قويۇپ بېرىشتىن ئالتە ئايدىن بىر يىل ئىلگىرى باشلىنىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا مۇشۇ ئاينىڭ (2022-يىلى ئاۋغۇست) بېشىدا، تەيۋەن ئەتراپىدىكى مانېۋىرلار سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن بولغان زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ۋە ئاپرېلدا (2022) ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتا رۇسىيە بىلەن بولغان يادرو ئىختىلاپىنى ئازايتىش ئۈچۈن مەزكۇر سىناقنى ئىككى قېتىم كېچىكتۈرگەن ئىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن فېۋرالدا (2022) ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيەنىڭ يادرو كۈچلىرىنىڭ ھوشيارلىقنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقارغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ يادرو ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەندىشەلەر كۈچەيگەن ئىدى.

بىراق، ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر ئۆزىنىڭ يادرو ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب يوقلۇقىنى ئېلان قىلغان ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر