ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 8 كىشى قازا قىلدى

ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 6 كىشى يارىلاندى.

1868952
ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 8 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاننىڭ شەرقىدىكى ناگارپاكار شەھىرىدە قاتتىق يامغۇردىن كېيىن يۈز بەرگەن كەلكۈندە قازا قىلغانلاردىن 4 نەپىرىنىڭ كىچىك  بالىلار ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئاپەت ۋە جىددى ئەھۋاللارغا تاقابىل تۈرۈش مەسئۇلى قارى سەيفۇللاھ، قازا قىلغانلاردىن 4 نەپىرىنىڭ قاتتىق يامغۇردا ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىنىڭ ئۆرۈلۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان كىچىك بالىلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، نۇرغۇن ئۆيلەرنىڭ سۇ ئاستىدا قالغانلىقىنى ياكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئافغانىستاننىڭ پارۋان ئۆلكىسىدە يەكشەنبە كۈنى كەلكۈن سەۋەبىدىن 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر