شىمالىي كورېيە يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

شىمالىي كورېيەنىڭ بۈگۈن (2022-يىلى 17-ئاۋغۇست) ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1868816
شىمالىي كورېيە يەنە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىمالىي كورېيەنىڭ پىيوڭياڭنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئونچوندىن غەرب دېڭىزىغا ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى فىرانسىيە ئا ف پ (AFP) ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە مەسئۇللىرى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىنچىكە ئانالىز قىلماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر