سىنجاردا ئاممىۋى مازار تېپىلدى
ئىراقنىڭ سىنجار شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 47 كىشىنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن يېڭى ئاممىۋى مازارلار تېپىلدى.
1868880
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى نەچىرۋان سۇلەيمان، سىنجارغا يېقىن كانى يېزىسىغا يېقىن جايدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 47 كىشىنىڭ جەسىتى كۆمۈلگەن 6 ئاممىۋى مازار تېپىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2015 – يىلى 3 – ئاۋغۇست كۈنى، ئىراقنىڭ مۇسۇل ۋىلايىتىنىڭ سىنجار ناھىيەسىگە ھۇجۇم قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى تېررورچىلار، نۇرغۇن پۇقرالارنى قەتل قىلغانىدى.
ھازىرغىچە بۇ رايوندا 100 دىن ئارتۇق ئاممىۋى مازاردىن پەقەت 30 ىىنىڭ تېپىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى
ئىسرائىلىيە لىۋان بىلەن 27 - نويابىردا تۈزگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە 60 قېتىم خىلاپلىق قىلدى.