پولشادا بېلىقلارنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى كۆرۈلدى

پولشانىڭ ئودېر دەرياسىدىكى بېلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈشىنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن چەت ئەل تەجرىبىخانىلىرىغا ئىلتىماس سۇنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1869095
پولشادا بېلىقلارنىڭ سىرلىق ئۆلۈمى كۆرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا ئودېر دەرياسىدىكى بېلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈشىنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن چەت ئەل تەجرىبىخانىلىرىغا ئىلتىماس سۇندى.

پولشا كىلىمات ۋە مۇھىت مىنىستىرى ئاننا موسكۋا (Anna Moskwa) تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، دەريا سۈيىدىن ئېلىنغان ئەۋرىشكىلەرنىڭ چېخىيە، گوللاندىيە ۋە ئەنگلىيەدىكى تەجرىبىخانىلارغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى ئېيتتى.

پولشا ۋە گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئۆتكەن ئايدا (2022-يىلى ئىيۇل) مەزكۇر دەريادا بايقالغان بېلىق ئۆلۈملىرىگە، ئىككى دۆلەتتە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ناچار تەبىئىي ئاپەت دەپ قارىماقتا.

مەسىلىنىڭ سىرىنى يېشىشتا كېچىكىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان پولشا ھۆكۈمىتى، دەريانىڭ بۇلغىنىشىغا مەسئۇل بولىدىغان كىشى ياكى ئورگانلارغا ئېغىر جازا بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پولشا پاژارنى خادىملىرى ھازىرغىچە دەريادىن 100 توننا ئۆلگەن بېلىقنى چىقارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئودېر دەرياسىدا بېلىقلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۆلۈش ھادىسىسى ئىيۇلنىڭ (2022) ئاخىرلىرىدا، پولشانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بېلىقچىلار تەرىپىدىن بايقالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر