ئاشلىق قاچىلانغان پاراخوتلار يولغا چىقتى

ئاشلىق قاچىلانغان يەنە 5 پاراخوت ئۇكرائىنادىن يولغا چىقتى.

1868251
ئاشلىق قاچىلانغان پاراخوتلار يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاشلىق توشۇش دائىرىسىدە يۇجنىيدىن 2، چورنومورسكتىن 3 بولۇپ، كۆممىقوناق ۋە بۇغداي قاچىلانغان 5 پاراخوت ئۇكرائىنا پورتلىرىدىن يولغا چىققان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۈگۈن ئۇكرائىنا پورتلىرىغا بارىدىغان 4 پاراخوتمۇ، بىرلەشمە كوردىناتسىيە مەركىزى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر