قىرىمدىكى ھەربىي ئىسكىلاتتا «بۇزغۇنچىلىق» سەۋەبىدىن پارتلاش يۈز بەرگەن

رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمنىڭ جانكۆي رايونىدىكى ھەربىي ئىسكىلاتنىڭ «بۇزغۇنچىلىق» سەۋەبىدىن پارتلاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1868645
قىرىمدىكى ھەربىي ئىسكىلاتتا «بۇزغۇنچىلىق» سەۋەبىدىن پارتلاش يۈز بەرگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قىرىمدىكى ھەربىي ئىسكىلاتنىڭ پارتلاش سەۋەبى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: «جانكۆي تۇرالغۇ رايونىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان ھەربىي ئىسكىلات بۇزغۇنچىلىق سەۋەبىدىن زىيانغا ئۇچرىدى. ۋەقەدە، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر، ئېلېكتر ئىستانسىسى، تۆمۈر يول ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرى بۇزۇنچىلىققا ئۇچرىدى، ئىككى كىشى يارىلاندى» دېيىلدى.

باياناتتا، بۇزغۇنچىلىقلارغا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قىرىمنىڭ جانكۆي رايونىدىكى مايسكويې يېزىسىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان بىر ھەربىي قىسىمنىڭ ئوق-دورىلىرى قويۇلغان ئىسكىلاتقا ئوت كېتىشى نەتىجىسىدە، پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر