مالايشىيا پادىشاھى ئەنقەرەدە
مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللاھ رىئايەتۇددىن ئەلمۇستافا بىللاھ شاھ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈنۈگۈن كەچتە پايتەخت ئەنقەرەگە كەلدى.
1868196
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا پادىشاھى سۇلتان ئابدۇللاھ رىئايەتۇددىن ئەلمۇستافا بىللاھ شاھنىڭ خانىشى ئىسكەندەريە بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە زىيارىتى بۈگۈن باشلىنىدىغان ۋە 21 – ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان.
ئۇنىڭ بۇ زىيارىتى، ئارىدىن تەخمىنەن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن مالايشىيادىن تۈركىيەگە دۆلەت باشلىقى سەۋىيەسىدە قىلىنغان تۇنجى زىيارەت ھېسابلىنىدىكەن.