خىتاينىڭ ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى بىلەن  شۇغۇللىنىدىغان پاراخوتى سىرى لانكاغا لەڭگەر تاشلىدى

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن بۇ پاراخوتنىڭ سىرى لانكادا لەڭگەر تاشلىشىغا قارشى چىققان ئىدى.

1868638
خىتاينىڭ ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى بىلەن  شۇغۇللىنىدىغان پاراخوتى سىرى لانكاغا لەڭگەر تاشلىدى
tayvan çin.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىرى لانكا لەڭگەر تاشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ  «يۈەن ۋاڭ 5» تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات پاراخوتى ھامبانتوتا پورتىغا كېچىكىپ يېتىپ كەلدى. پاراخوتنى سرى لانكا دائىرىلىرى ھامبانتوتا پورتىدا كۈتۈۋالدى.

11 – ئاۋغۇستتا يېقىلغۇ ۋە باشقا لازىمەتلىكلەر ئۈچۈن ھامبانتوتا پورتىغا يېتىپ كېلىشى پىلانلانغان «يۈەن ۋاڭ 5» ناملىق پاراخوت، سىرى لانكانىڭ كېچىكتۈرۈش تەلىپى سەۋەبىدىن بۈگۈن (16-ئاۋغۇست) پورتقا لەڭگەر تاشلىدى.

ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن باشقا يەنە، ئىستىخبارات پائالىيەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە خىتاي پاراخوتىنىڭ 22 - ئاۋغۇستقىچە (2022) پورتتا تۇرىدىغانلىقى دىققەت تارتماقتا.

سىرى لانكا مەسئۇللىرى پاراخوتنىڭ سىرى لانكا دېڭىز تەۋەلىكىدە ھېچقانداق تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن بۇ مەسىلىگە قارشى چىققاندىن كېيىن، مەزكۇر كېچىكتۈرۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

ھىندىستان تەرەپ بۇ پاراخوتنىڭ خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن تاكتىكىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

پاراخوتنىڭ 11-ئاۋغۇستتىن 17-ئاۋغۇستقىچە ھامبانتوتا پورتىغا يېتىپ كېلىشى مۆلچەرلەنگەن ئىدى.

ئىقتىسادىي كىرىزىس بىلەن بوغۇشۇۋاتقان سىرى لانكانىڭ ھىندىستاندىن قەرز، ئاشلىق ۋە نېفىت ياردىمى ئېلىۋاتقانلىقى، ئەمما خىتاينىڭ ياردىمىنىڭ مۇقىم ۋە ئىزچىل بولمايۋاتقانلىقى مەلۇم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر