خىتاي تەيۋەن مەسئۇللىرىغا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي تەيۋەن مەسئۇللىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1868279
خىتاي تەيۋەن مەسئۇللىرىغا تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
Çin_hərbi təlim_.jpg
Tayvan lideri Tsai Ing-wen.jpg
tayvan bayrak.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ ئاي بېشىدا (2-ئاۋغۇست) تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ئارالدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو يۈزگۈزىدىغان بولدى.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەيۋەن ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تەيۋەن باش مىنىستىرى سۇ تىسېڭچاڭ، پارلامېنت باشلىقى سەن سى-كۇن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ، تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ۋەكىلى بى -خېم سياۋ ، تەيۋەن پارلامېنت ئەزالىرىدىن كو لى - خىسيۇڭ، تىسەي چى-چاڭ، كېر چېن مىڭ، چېن جياۋ خۇا ۋە ۋاڭ تىڭ يۈ بىلەن پائالىيەتچى لى فاننىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

باياناتتا، تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر «تەيۋەن مۇستەقىللىقىنىڭ كەسكىن قوغدىغۇچىلىرى بولغان بۆلگۈنچىلەردۇر» دەپ ئەيىبلەنگەن، ئۇلار ۋە ئائىلىلىرىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىغا كىرىشى چەكلەنگەنلىكى، مۇناسىۋەتلىرى بولغان ئورگان، تەشكىلات ۋە شىركەتلەردىن باشقا يەنە، ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن خىتايدا تۇرۇشلۇق كىشىلەر ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ ھەمكارلىشىشى شۇنداقلا خىتايدا پايدا ئېلىش پائالىيەتلىرىدە بولۇشى چەكلەنگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، پارلامېنت باشلىقى يونىڭ رىياسەتچىلىكدىكى تەيۋەن دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ باش كاتىپلىقىنى قىلىۋاتقان خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات فوندىنىڭمۇ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى تەكىتلىنىپ، مۇنداق دېيىلگەن:

«تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش تەشەببۇسلىرى خىتاينىڭ بىرلىشىشى ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ۋە خەلقنىڭ قايتىدىن گۈللىنىشى يولىدىكى ئەڭ چوڭ خەتەر. تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان ئاز ساندىكى رادىكال بۆلگۈنچىلەر ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان شەخسىي مەنپەئەتىگە ماس ھالدا چەت ئەل كۈچلىرى  بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتمەكتە. مەزكۇر بۆلگۈنچىلەر تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئىككى تەرىپىنى قۇتۇپلاشتۇرۇپ، قەستەن كۈشكۈرتمەكتە. رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن زىيان سالماقتا. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ تەيۋەن زىيارىتى جەريانىدىكى پائالىيەتلىرى تېخىمۇ يامان غەرەزلىك بولۇپ، تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ئىزدىنىشىدىكى سوزۇلما جەرياننى ئاشكارىلاپ قويدى.»

باياناتتا يەنە، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ دۆلەتنى بۆلۈشنى مەقسەت قىلغان ھەر قانداق پائالىيەتكە يول قويمايدىغانلىقى تەكىتلىنىپ: «بىز ھېچقانداق سىرتقى كۈچنىڭ دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشىغا ۋە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى مەقسەت قىلغان بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە يول قويمايمىز» دېيىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر