ئامېرىكا كونگرەسى تەيۋەن زىيارىتىنى داۋاملاشتۇردى

خىتاي بىلەن ئىگىلىك ئىختىلاپلىرى ئىچىدىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا كونگرە ئەزالىرى، پىرېزىدېنت سەي يىڭۋېن بىلەن كۆرۈشتى.

1868122
ئامېرىكا كونگرەسى تەيۋەن زىيارىتىنى داۋاملاشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دېموكرات پارتىيەنىڭ ماسساچۇستس كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېد ماركېي (EdMarkey) باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە كۆرۈشتى.

بەش كىشىلىك كونگرە ھەيئىتى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسى خانىمنىڭ خىتاي بىلەن يىرىكچىلىكلەرنىڭ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولغان تەيۋەن زىيارىتىدىن 12 كۈن كېيىن، تۈنۈگۈن كېچە (2022-يىلى 14-ئاۋغۇست) پايتەخت تەيبېيغا يېتىپ باردى.

بەش كىشىلىك ھەيئەت سەي يىڭۋېن بىلەن، ئامېرىكا-تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى، رايوننىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى مەسىلىلەر ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

ھەيئەت باشلىقى ئېد ماركېي تۋىتتېر ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «زىيارەتنىڭ مەقسىتى-ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى تىنچلىق ھەمدە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېدى.

ئامېرىكا كونگرەسىنىڭ بەش كىشىلىك ھەيئىتىنىڭ بۈگۈن (15-ئاۋغۇست) ئاخىرلىشىدىغان تەيۋەن زىيارىتىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېد ماركېي باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنىڭ، خىتاينىڭ بارلىق ئاگاھلاندۇرۇشلىرى ۋە نارازىلىقلىرىغا قارىماي «خىتاينىڭ تەيۋەن رايونى» نى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىر گۇرۇپپا ئامېرىكالىق سىياسەتچى تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، بىر خىتاي سىياسىتىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇلار مەغلۇب بولىدۇ» دېدى.

ئۇ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن قەتئىيلىك بىلەن بىر قاتار قارارلارنى چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاي بىر خىتاي سىياسىتى ئارقىلىق تەيۋەننىڭ دۇنيادىكى دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىشىغا، ب د ت دا ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ۋەكىل تۇرغۇزۇشىغا قارشى چىقماقتا، شۇنداقلا ئۆزىنى ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماسلىقنى ياكى ئۈزۈشىنى شەرت قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر