ئېكۋادوردا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئېكۋادورنىڭ گۇاياكىل شەھىرىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 5 كىشى قازا قىلىپ، 16 كىشى يارىلاندى.

1867750
ئېكۋادوردا بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادورنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى گۇاياكىلگە قاراشلىق  كىرىستو دېل كونسۇئېلو رايونىدا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى. ھۇجۇمدا 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 16 كىشى يارىلاندى، 8 ئۆي ۋە 2 ئاپتوموبىل زىيانغا ئۇچرىدى.

ئېكۋادور ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پاترىسىئو كاررىلو تىۋىتتېر ھېسابىدا ۋەقەنى ئەيىبلەپ، «ئۇزۇندىن بۇيان ئىقتىسادنى زەھەرلەپ كېلىۋاتقان تەشكىللىك جىنايەت شايكىلىرى ئەمدىلىكتە پارتىلاتقۇچ بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا، بۇ رەسمىي دۆلەتكە ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقتۇر» دېدى.

پىرېزىدېنت گىلېرمو لاسسومۇ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا تەزىيە بىلدۈردى.

گىلېرمو لاسسو: «گۇاياكىل خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن بىخەتەرلىك كابىنېتىنى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە بۇيرۇدۇم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر