قاھىرەدىكى چېركاۋدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تۆلەم بېرىلىدىغان بولدى

مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەنىڭ غەربىدىكى ئىمبابا رايونىدا بىر چېركاۋدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلارغا تۆلەم بېرىلىدىغان بولدى.

1867733
قاھىرەدىكى چېركاۋدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارغا تۆلەم بېرىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئىجتىمائىي ھەمكارلىق مىنىستىرلىقى 41 كىشى قازا قىلغان ۋە 14 كىشى يارىلانغان ئەبۇ سەيفېين چېركاۋىدىكى ئوت ئاپىتى ۋەقەسى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، چېركاۋدىكى ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلارغا تۆلەم بېرىلىدىغانلىقى شۇنداقلا بىر يىل بويىچە ئايلىق مائاش بېرىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا 25 مىڭدىن 50 مىڭغىچە كونى (تەخمىنەن 1307 دوللاردىن 2614 دوللارغىچە) يارىلانغانلارغا 5 مىڭ كۇنى (تەخمىنەن 261 دوللار) تۆلەم بېرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، مەزكۇر ئائىلە ۋە يارىلانغانلارغا ياردەم مەقسىتىدە بىر يىل بويىچە ئايلىق مائاش بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

قاھىرەنىڭ غەربىدىكى ئىمبابا رايونىغا جايلاشقان ئەبۇ سەيفېين چېركاۋىدا تۈنۈگۈن دىنىي مۇراسىم جەريانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى.

مىسىر قىپتى چېركاۋىدىكى ئوت ئاپىتىدە 41 كىشى قازا قىلىپ، 14 كىشى يارىلانغان ئىدى.

مىسىر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى، توك ئېقىمىدىكى جالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن چېركاۋنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچكە ئوت كېتىشى نەتىجىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر