نىگېرىيەدە كەلكۈندە نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

نىگېرىيەنىڭ جىگاۋا ئىشتاتىدا توختىماي ياغقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن پەيدا بولغان كەلكۈندە 50 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1867782
نىگېرىيەدە كەلكۈندە نۇرغۇن كىشى جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئاگېنتلىقىنىڭ جىگاۋا باش كاتىپى ئەلھاجى يۇسۇفسانى بابۇرا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىشتاتتىكى 27 رايوندا توختىماي ياغقان شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتدە ئەڭ ئاز دېگەندە 50 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ كەلكۈن ئاپىتىدە يۈزلەرچە ئۆينىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، مىڭلارچە كىشىنىڭ رايونلاردا قۇرۇلغان ۋاقىتلىق لاگېرلاردا، بەزىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت بىنالىرىدا پاناھلىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە مۇھىت مۇتەخەسسىسلىرى نىگېرىيەدە 53 مىليون كىشىنىڭ كەلكۈن تەھدىتىگە دۇچ كەلگەنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

يوبې ئىشتاتىدا ئۆتكەن ئاي (2022-يىلى ئىيۇل) يامغۇر سەۋەب بولغان كەلكۈن ئاپىتىدە تۆت كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 12 تۇرالغۇ رايونى سۇ ئاستىدا قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر