سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكانىڭ ئورتاق مانېۋىرى باشلاندى

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكانىڭ قىزىل دېڭىزدا بىر ئاي داۋاملىشىشى پىلانلانغان بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى باشلاندى.

1867525
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكانىڭ ئورتاق مانېۋىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى <SPA> نىڭ خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى يەنبۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرىغا دائىر مەلۇمات بېرىلدى.

مانېۋىرنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربىي رايون قوماندانى ئەھمەد ئەد دەبىس، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى پائۇل جوسېف روك شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفېتسىرلىرى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتناشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، «چوڭ غەزەپ» ناملىق مانېۋىرنىڭ بىر ئاي داۋاملىشىدىغانلىقى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەشغۇلات ۋە ئارقا سەپ تەجرىبىسىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق بىرلەشمە ھەربىي پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئەمەلىي مەشىق قىلىش مەقسەت قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا 2021-يىلى ئۆكتەبىردىمۇ «دېڭىزدىكى قاتناش ئەركىنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» مەقسىتىدە 10 كۈنلۈك بىرلەشمە دېڭىز مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر