پاكىستاندا بىر يۈك ماشىنىسى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشتى

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدە بىر يۈك ماشىنىسى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 13 كىشى قازا قىلدى، 5 كىشى يارىلاندى.

1867544
پاكىستاندا بىر يۈك ماشىنىسى يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەنجاپ ئۆلكىسىگە قاراشلىق رەھىم يارخان شەھىرىدىكى فېروزە مەركىزى يولىدا، بىر يۈك ماشىنىسى كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئۈستىگە ئۆرۈلۈپ چۈشتى.

نەق مەيدانغا نۇرغۇن ساندا قۇتقۇزۇش ۋە ساقچى ئەترىتى ئەۋەتىلدى. دائىرىلەر ۋەقەدە 13 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 5 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالاقىدار تارماقلار يارىلانغانلارنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ۋە رايوندىكى ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن مۇلازىمەتلەرنىڭ ئاقساپ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ۋە سىند ئۆلكىلىرىدە قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن 10 كىشى قازا قىلدى.

يامغۇر سەۋەبىدىن نۇرغۇن دېھقانچىلىق يەرلىرى سۇ ئاستىدا قالدى. 40 مىڭدىن ئارتۇق ئۆي زىيانغا ئۇچرىدى.

ئالاقىدار تارماقلار بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ كۇۋەيتا شەھىرىدە قاتتىق يامغۇرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر