ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەش داۋاملاشماقتا

ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەش دائىرىسىدە 12 مىڭ توننا كۆممىقوناق ۋە 3 مىڭ توننا ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى بېسىلغان پاراخوت ئۇكرائىنانىڭ چېرنومورسك پورتىدىن يولغا چىقتى.

1867411
ئۇكرائىنادىن ئاشلىق يۆتكەش داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: « ئاشلىق يۆتكەش دائىرىسىدە باربادوس بايراقلىق  12 مىڭ توننا كۆممىقوناق بېسىلغان (FULMAR S)  ناملىق پاراخوت، چېرنومورسكتىن ئىسكەندەرۇنغا قاراپ يولغا چىقتى، 3 مىڭ توننا ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى بېسىلغان مارشال تاقىم ئاراللىرى بايراقلىق (THOE) ناملىق پاراخوت بولسا، چېرنومورسكتىن تەكىرداغقا قاراپ يولغا چىقتى.»

«بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاشلىق يۆتكەش ئۈچۈن بۈگۈن بىر پاراخوت، تۈركىيەدىن ئۇكرائىناغا قاراپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر