يەنە ئىككى ئاشلىق توشۇغۇچى پاراخوت ئۇكرائىنادىن يولغا چىقتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يەنە ئىككى ئاشلىق توشۇغۇچى پاراخوتنىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1866907
يەنە ئىككى ئاشلىق توشۇغۇچى پاراخوت ئۇكرائىنادىن يولغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاشلىق توشۇش دائىرىسىدە، بېلىزې بايراقلىق 350 مىڭ توننا بۇغداي بېسىلغان «سارموۋىسكىي» ناملىق پاراخوت، چېرنومورسكتىن تېكىرداچقا قاراپ يولغا چىققان. مارشال تاقىم ئاراللىرى بايراقلىق 60 مىڭ توننا كۆممىقوناق بېسىلغان «Star Laura» ناملىق پاراخوت، بۈگۈن ئەتىگەن ئىرانغا قاراپ يولغا چىققان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر