ئەنگلىيە ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەيدۇ

ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ راكېتامىيوت سىستېمىسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1866879
ئەنگلىيە ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار، بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە بېرىلگەن كۆپ خىل راكېتامىيوت سىستېمىلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلىتىلىشىدىن كېيىن چىقىرىلغان.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى بېن ۋاللېسنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن باياناتتا، مۇنداق دېيىلگەن: «يېڭى ھەربىي جەھەتتىكى قوللاش، ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ <رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك زەمبىرەكلەرنى قالايمىقان ئىشلىتىشىگە قارشى تۇرۇشى> غا زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ.»

ۋاللېس، «ئەنگلىيە ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇ <قانۇنسىز ئۇرۇش> قا داۋاملىق قارشى تۇرىدۇ ۋە <رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر> پۇتىننىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدىن مۇداپىئەلىنىشى ئۈچۈن،  ئۇكرائىناغا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ» دېگەن.

ئەنگلىيەنىڭ ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ راكېتامىيوت سىستېمىسى ۋە يېتەكچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى ئەسكەتىلگەن باياناتتا، بۇ ھەربىي ياردەمنىڭ، ئەنگلىيەنىڭ تەخمىنەن 10 مىڭ ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى تەربىيەلەش ۋەدىسىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقى، بۇنى كانادا، دانىيە، شىۋېتسىيە، فىنلاندىيە ۋە گوللاندىيەنىڭمۇ قوللايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر