گۇتېرېس: ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېس ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەنى پۈتۈنلەي يادروسىزلاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى.

1867174
گۇتېرېس: ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيەنى يادروسىزلاشتۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول، پايتەخت سېئۇلدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونيو گۇتېرېسنى قوبۇل قىلدى.

ئۇچرىشىشتا، گۇتېرېس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، كورېىيە ۋە كورېىيە يېرىم ئارىلىنى پۈتۈنلەي ۋە ئۈزۈل - كېسىل يادروسىزلاشتۇرۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلىدى، ھەمدە ئاساسلىق نىشانلىرىنىڭ، پۈتكۈل رايونغا تىنچلىق، خاتىرجەملىك ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

گۇتېرېس، تۈنۈگۈن سېئۇلدا جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىن بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارك، گۇتېرېسقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشچىلىقىدىكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىغا دائىر تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى توغرۇلۇق پىيوڭياڭغا «كەسكىن ۋە ئورتاق سىگنال» بېرىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقان.

پارك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسىگە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا چاقىرغان.

گۇتېرېس بولسا، جەنۇبىي كورېيەنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى تىنچلىق ساقلاش ھەرىكىتىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر